关于我们

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

 

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا 1956-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەملىكەتلىك بىرىنچى بەش يىللىق پىلان ئىچىدىكى 156 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىرى. دوختۇرخانا قۇرۇلۇپ 59 يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى ئارقىسىدا، تەرەققىي قىلىپ داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەتقىقات تىپىدىكى دوختۇرخانىغا ئايلانغان، ئاپتونوم رايوندىكى ئەڭ چوڭ"ئۈچ A دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا"نىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دوختۇرخانا «مەدەنىيلىك بىلەن دوختۇرخانا بەرپا قىلىش، ئىختىساسلىقلار بىلەن دوختۇرخانىنى كۈچلەندۈرۈش، دوختۇرخانىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دوختۇرخانىنى پەن-مائارىپ بىلەن گۈللەندۈرۈش» نى دوختۇرخانا بەرپا قىلىشنىڭ فاڭجېنى قىلىپ، «مېھر-مۇھەببەتنىڭ چېكى يوق، سەمىمىي دوختۇرخانا» دىن ئىبارەت دوختۇرخانا روھىدا چىڭ تۇرۇپ، «مېھرىبانلىق، سەمىمىي، كامالەتكە يەتكەن، قالتىس» دوختۇرخانا مىزانىغا ئاساسەن، دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاكتىپلىق بىلەن «مېھرىبانلىق مەدەنىيىتى»، «ئىناقلىق مەدەنىيىتى» قاتارلىق شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك رايون بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، دوختۇرخانىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان، دوختۇرخانىنىڭ گۈزەل ئەنئەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە قانات يايدۇرىدىغان ئۆزگىچە دوختۇرخانا مەدەنىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «مەملىكەتلىك سەھىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «مەملىكەتلىك سەھىيە سىستېمىسىدىكى دوختۇرخانا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»، «مەملىكەتلىك شەھەر دوختۇرخانا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، ئۇدا ئۈچ يىل «مەملىكەتلىك يۈز ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىش دوختۇرخانىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن، «ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىي ئورۇن»، «ئاپتونوم رايون بويىچە سەھىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى ئىس-تۈتەكسىز دوختۇرخانا» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.
تەستىقلانغان كارۋات ئورنىدىن 2700 (ئەمەلىي ئېچىۋېتىلگەن كارۋات ئورنىدىن 2970) ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 16 باشقارما دەرىجىلىك مەمۇرىي فۇنكسىيەلىك تارماق، 19 داۋالاش مەركىزى، 36 كلىنىكا بۆلۈم-ئىشخانىسى، 6 داۋالاش تېخنىكا بۆلۈم-ئىشخانىسى، 30 ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسى بار. 6 سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىندوسكوپ تەربىيەلەش بازىسى، 1 سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ۋراچ قېلىپلاشتۇرۇش تەربىيەلەش بازىسى (34 كەسىپ)، 1 پەن-تېخنىكا بۆلۈمى، ئۆلكە بۆلۈمى بىرلىكتە قۇرغان نۇقتىلىق تەجرىبىخانا يېتىشتۈرۈش بازىسى، 1 شىنجاڭ ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش ۋە ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئۆزگەرتىش مەركىزى، 1 ئاپتونوم رايوندىكى كلىنىكىلىق ماھارەت تەربىيەلەش مەركىزىگە ئىگە. 7 دۆلەتلىك كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس پەن قۇرۇلۇش تۈرى، 25 خىل GCP ئېتىراپ قىلغان كەسىپ، 1 دۆلەت دەرىجىلىك ئېسىل دەرسلىك، 1 دۆلەت دەرىجىلىك ئۆزگىچە كەسىپ، 1 دۆلەتلىك قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئۈلگىلىك دەرسلىكى، 2 بىرىنچى دەرىجىلىك پەنلەر باكلاۋرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى بېرىش نۇقتىسى، 2 بىرىنچى دەرىجىلىك پەنلەر ماگىستىر ئىلمىي ئۇنۋانىنى بېرىش نۇقتىسى، 1 بىرىنچى دەرىجىلىك پەنلەر دوكتور ئىلمىي ئۇنۋانىنى بېرىش نۇقتىسى، 1 كلىنىكىلىق ئالىي دوكتور پەن-تەتقىقات ئاقما پونكىتى قاتارلىقلار بار. دوختۇرخانىدا 22 ئاپتونوم رايون بويىچە كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس پەن قۇرۇلۇش تۈرى، 6 ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق پەن، 3 ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانا بار. تەلتۆكۈس بولغان داۋالاش تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىگە ۋە بىر تۈركۈم خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيىگە ئىگە بولغان ئالىي سۈپەتلىك ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئۈسكۈنىلەرگە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تور بولۇش، ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىش «بىر كارتا ئارقىلىق ئىشقا ئېشىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرغان، دوختۇرخانىدا ئىش بېجىرىش ئاپتوماتلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان، كلىنىكىلىق ئۇچۇر سستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشكەن، داۋالاش سەۋىيەسى كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، پەنلەر قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشكەن.
دوختۇرخانا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى كلىنىكا مېدىتسىناسى تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى كلىنىكا مېدىتسىناسى ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىكتە ئىش بېجىرىپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە «ساغلاملىق باشقۇرۇش مەركىزى» قۇرغان.
2014-يىلى 12-ئايغىچە، دوختۇرخانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر 5040 نەپەر بولۇپ، سەھىيە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %75.9 نى ئىگىلىگەن، دوكتور، ماگىستىردىن 1319 نەپەر، پروفېسسور، مۇئاۋىن پروفېسسوردىن 281 نەپەر، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىدىن 261 نەپەر (بۇنىڭ ئىچىدە دوكتور ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىدىن 92 نەپەر) بار. 20 ئادەم گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، 1 ئادەم خەلقئارا نايتىنگال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 3 ئادەم «يېڭى ئەسىر يۈز مىڭلىغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى» غا سايلانغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 7 ئادەم مەملىكەت بويىچە سەھىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغا شەخس بولۇپ باھالانغان، 3 ئادەم «1-ماي ئەمگەكچىلەر مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن، 10 ئادەم ئاپتونوم رايوندىكى كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان، 4 ئادەم ئاپتونوم رايون ئوقۇتۇشىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يۇمشاق پىلانى» ئارقىلىق ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياڭ شېڭلى، ۋاڭ خۇڭياڭ، چېڭ جىڭ، جەن چىمىن قاتارلىق 10 نەپەر ئاكادېمىك دوختۇرخانىغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلىپ ياردەملەشكەن. داڭلىق دوختۇر بولۇپ سايلانغانلار (13 نەپەر)، دوختۇرخانا داڭلىق ۋراچىدىن (7 نەپەر)، پەن باشلامچىسىدىن (11 نەپەر)، ئىلىم باشلامچىسىدىن (37 نەپەر)، تېخنىكا باشلامچىسىدىن (3 نەپەر)، ھەر تۈرلۈك تايانچلاردىن 180 نەپەر، تېخنىكا ماھىرلىرىدىن 40 نەپەر، تۆتىنچى ئىختىساسلىقلار پەلەمپەي قوشۇنىدىن (مۇنەۋۋەر ياش ۋراچلادىن 137 نەپەر) بار بولۇپ، دوختۇرخانىنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن «ئىختىساسلىقلار پىرامىدا» سىنى شەكىللەندۈرگەن.
دوختۇرخانا 12 مىڭ 700 كۋادرات مېتىرلىق پەن-تېخنىكا بىناسىغا تاينىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلغار پەن-تەتقىقات باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تىرىشىپ ياخشى رىقابەتلىشىدىغان پەن-تەتقىقات كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگەن. دوختۇرخانىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك، ئۆلكە بۆلۈم دەرىجىلىك پەن-تەتقىقات تۈرلىرى، پەن-تەتقىقات نەتىجىسى، پاتېنت، SCI ماقالىلىرى بىردەك پۈتۈن شىنجاڭدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تەتقىقات تۈرلىرى 2009-يىلىدىكى 19 تۈردىن كۆپىيىپ، 2014-يىلىدىكى 29 تۈرگە يەتكەن بولۇپ، كۆپ پەنلەر يېڭى بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان؛ ھەر تۈرلۈك پەن-تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ خىراجىتى 2009-يىلىدىكى 10 مىليون 250 مىڭ يۈەندىن كۆپىيىپ، 2014-يىلىدىكى 33 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 2010-يىلى تۇنجى قېتىم دۆلەتلىك پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ 1 تۈرىگە ئېرىشكەن؛ 2011-تۇنجى بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مائارىپ تەربىيە ئوقۇتۇش نەتىجىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ 1 تۈرىگە، ئۈچىنچى دەرىجىلىكتىن 1 تۈرگە ئېرىشكەن؛ 2012-يىلى دۆلەتلىك 863 پىلانىنىڭ 1 تۈرىگە ئېرىشكەن؛ 2013-يىلى تۇنجى بولۇپ دۆلەتلىك تەبىئىي فوند كومىتېتى-شىنجاڭ بىرلەشمە فوند نۇقتىلىق تۈرىنىڭ 2 تۈرىگە ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار فوند مەخسۇس تۈرىنىڭ 1 تۈرىگە ئېرىشكەن؛ 2014-يىلى تۇنجى بولۇپ جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسى گۇاڭخۇا قۇرۇلۇشى پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا، ۋۇ جيېپىڭ-باۋلو.ياڭسېن تېببىي دوراشۇناسلىق مۇكاپاتىغا، ئاپتونوم رايون بويىچە پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەشتە تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
دوختۇرخانا پۈتۈن كۈچى بىلەن بىمارلارنى ياخشى بولغان داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە داۋالىنىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاكتىپلىق بىلەن «يىراق مۇساپىلىق داۋالاش»، «ھەمكارلىشىپ ياردەملىشىش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغان، تىرىشىپ بىمارلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەرزان، قولايلىق، سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن، «تەۋە رايوندا داۋالاش، توغرا يۆتكەپ داۋالاش، مۇرەككەپ، خەتەرلىك ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىنى ئازايتىش» نى خىزمەت نىشانى قىلىپ، يىراق مۇساپىلىق تېببىي ئىلىم مەركىزىنى مۇنبەر قىلىپ، يىراق مۇساپىلىق كۆپ تۈرلۈك خىزمەتلەر شىنجاڭدا ياخشى نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
«ئېكولوگىيەلىك دوختۇرخانا» قۇرۇشنى ئاكتىپلىق بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، بىمارلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئەلالاشتۇرغان. دوختۇرخانىنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 168 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %44 كە يېتىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭدا «تېجەشلىك دوختۇرخانا قۇرۇش» نى ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان، «چەكلەش خاراكتېرلىك يوقلاش-كۈتۈش تۈزۈمى» نى ئالدى بىلەن قانات يايدۇرغان، پۈتۈن مەملىكەتتە «ئىس-تۈتەكسىز دوختۇرخانا» بەرپا قىلىشنى خېلى بۇرۇنلا قانات يايدۇرغان بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تاماكا ياكى ساغلاملىق ھەمكارلىق مەركىزى تەرىپىدىن تاماكا ئىشلىتىشنى ئازايتىش تەشەببۇس ھەرىكىتىدە «ئىس-تۈتەكسىز دوختۇخانا قۇرۇش تۈرى» نىڭ ھەمكارلىق دوختۇرخانىسى، «جۇڭگودىكى تاماكىنى كونترول قىلىشتىكى ئىلغار ئورۇن» بولۇپ باھالانغان.
2014-يىلى 10-ئايدا، دوختۇرخانا JCI ئېتىراپىدىن ئۆتكەن بولۇپ (پۈتۈن مەملىكەتتە 33 دوختۇرخانا ئۆتكەن، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر دوختۇرخانا)، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى 5-نۇسخىدىكى JCI ئىلىم-پەن تېببىي ئىلىم مەركىزىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىغا، يەنە نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە JCI باھالىشىدىن ئۆتكەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىلىم–پەن تېببىي ئىلىم مەركىزىي دوختۇرخانىسىغا ئايلانغان.
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-كلىنىكا تېببىي ئىنستىتۇتى يەنى 1-تارماق دوختۇرخانا «ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى، رايون ئالاھىدىلىكىگە ۋە خەلقئارالىق تەسىرگە ئىگە، داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن-تەتقىقات، ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق بەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تەتقىقات تىپىدىكى دوختۇرخانا» قۇرۇش نىشانى ئۈچۈن ئىلگىرىلىمەكتە!

About People's Daily Online| Contact Us
Copyright by People's Daily Online, All Rights Reserved