كېسەل كۆرسىتش كۆرسەتمىسى
مۇتەخەسىسلەرنى تونۇشتۇرۇش

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا مەملىكەت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ 5-نۇسخا JCI نىڭ ئىلىم-پەن، مېدىتسىنا مەركىزىي دوختۇرخانىسى بويىچە باھالىشىدىن ئۆتكەن ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىغا ئايلاندى


2014-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا خەلقئارا داۋالاش ئاپپاراتى باھالاش بىرلەشمە كومىتېتى (Joint Commission International، قىسقارتىپ «JCI» دەپ ئاتىلىدۇ) نىڭ باھالاشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، بۇ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ JCI نىڭ ئىلىم-پەن، مېدىتسىنا مەركىزىي دوختۇرخانىسى بويىچە باھالىشىدىن ئۆتۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى 5-نۇسخا JCI نىڭ ئىلىم-پەن، مېدىتسىنا مەركىزىي دوختۇرخانىسى بويىچە باھالىشىدىن ئۆتكەن ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا بولغانلىقى، شۇنداقلا ھازىرقى مەملىكەت ئىچىدە JCI باھالىشىدىن ئۆتكەن كۆلىمى ئەڭ زور ئىلىم-پەن، مېدىتسىنا مەركىزىي دوختۇرخانىسىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
JCI بولسا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېتراپ قىلغان پۈتۈن دۇنيا بويىچە دوختۇرخانا سۈپىتىنى باھالاشتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىسپات بېرىش ئورگىنى، شۇنداقلا ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى ئەڭ يۇقىرى خەلقئارا داۋالاش سۈپىتىنى باھالاش ئورگىنى، «سۈپەت»، «بىخەتەرلىك» بولسا JCI نىڭ باھالاشتىكى يادرولۇق مەزمۇنى. ھازىر جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا JCI نىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن داۋالاش ئورگىنىدىن جەمئىي 33 ىسى بار.
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، JCI باھالاش ئورگىنى Ellen Pentland،Susan Bane، Paula Vallejo، Pauline Tan، Hwei-Yee Tai، Kenneth Waxman، Terry Amerine قاتارلىق يەتتە باھالاش مۇتەخەسسىسىنى دوختۇرخانىنى 5-نۇسخا JCI ئىلىم-پەن، مېدىتسىنا مەركىزىي دوختۇرخانىسى ئۆلچىمى بويىچە ئەتراپلىق، چوڭقۇر باھالاش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. باھالاش ئۆمىكىدىكىلەر ھۆججەت، رەھبەرلىكنى تەكشۈرۈش ۋە خىزمەتچى خادىملار بىلەن سۆھبەتلىشىش، سىستېما ئارقىلىق ئىز قوغلاش، بىمارلارنى ئىز قوغلاش، بۆلۈم-ئىشخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىز قوغلاش، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، دوختۇرخانىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى، داۋالاش مۇلازىمىتى، دورا سىستېمىسى، دوختۇرخانا ئىچىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، سۈپەت تەكشۈرۈش ۋە ياخشىلاش، خىزمەتچى خادىملارنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئىقتىدارى، ئەسلىھە بىخەتەرلىكى، تەمىنلەش زەنجىرى، ئەزا-توقۇلمىلارنى كۆچۈرۈش تۈرلىرى، تېببىي تەربىيە، ئادەم بەدىنى تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال باھالاش ئېلىپ باردى. پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىلىق، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا 304 باھالاش ئۆلچىمىدىكى 1218 تەكشۈرۈش ئامىلى ئىچىدە پەقەت 32 ئامىلدا قىسمەن ئۆلچەمگە يېتەلمەي، 1 ئامىلدا ئۆلچەمگە يەتمەي، 9.86 نومۇر ئېلىشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. بۇرۇنقى باھالاش ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرغاندا، 5-نۇسخىدىكى باھالاش ئۆلچىمىدە دوختۇرخانىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن بۆلۈملەرگىچە ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى. يەنى، پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى سۈپەت باشقۇرىدىغان خادىملار، مەبلەغ، رامكا قۇرۇلمىسىغا مەسئۇل رەھبەرلىك قاتلىمىدىن تارتىپ خىزمەت تەرتىپى، ماسلاشتۇرۇش، تەشكىللەشكە مەسئۇل باشقۇرۇش تارماقلىرىغىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي قاتلام بۆلۈم-ئىشخانىلارغىچە، باھالىغۇچىلار ھەممىسىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ چىقتى.
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا 2012-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ JCI بويىچە باھالاش ئىدىيىسىنى كىرگۈزگەندىن تارتىپ 2013-يىلى 1-ئايدا پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى JCI باھالىشى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىشقىچە ۋە ئۇنىڭدىن ھازىرغا قەدەر، 2 يىلغا يېقىن ۋاقىت، يەنى 622 كۈن ئىچىدە، دوختۇرخانا «بارلىقىمىز بىمارلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن» دەيدىغان نىشانغا ئاساسەن، تىرىشىپ بىر بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك داۋالىنىش مۇھىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. دوختۇرخانىدا JCI ئىشخانىسى تەسىس قىلىنىپ، سۈپەت ياخشىلاش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، 113 تۈرلۈك بۆلۈم-ئىشخانىلارنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش تۈرى ۋە 10 تۈرلۈك دوختۇرخانىنىڭ ئالدىن ياخشىلاش تۈرى قانات يايدۇرۇلۇپ، 283 تۈرلۈك تۈزۈم تەرتىپكە سېلىندى، 310 مەيدان تەربىيىلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، تەربىيىلەش 18 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتتى، 100 تۈرلۈكتىن ئارتۇق جەرياندا ياخشىلاش ۋە 100 قېتىمدىن ئارتۇق  جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانىۋېرى ئۆتكۈزۈلدى، مانىۋېر مەزمۇنى ئوت مۇداپىئە، ئامانلىق، EMT كوللېكتىپى، ئۇچۇر سىستېمىسىدا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دوختۇرخانا رايونى مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈشتىن تارتىپ كېسەل داۋالاش بىخەتەر ۋە قېلىپلاشقان بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىچە، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكىچە، بىخەتەرلىك مەدەنىيىتى ئىدىيىسى ھەممەيلەننىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، «ھەممە ئىشلاردا بىمارلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش» ھەر بىر خىزمەتچى خادىمنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ھەر بىر بىمار، ھەر بىر رېتسىپ، ھەر بىر قېتىملىق دوختۇر بىلەن بىمارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغىچە، ھەتتا ھەر بىر ۋاق تاماققىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.
دوختۇرخانىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمەتتىكى قىزغىنلىقى، بىمارلارغا بولغان ئادەمنى ئاساس قىلغان كۆيۈنۈشى ۋە قېلىپلاشقان داۋالىشى، باشقۇرۇش تەرتىپى باھالاش مۇتەخەسسىسلىرىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، باھالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى، داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سۈپىتى بىلەن، 3000 مىڭغا يېقىن كارىۋات ئورنىغا ئىگە چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا جاپالىق داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات جەھەتتە بىردەك باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى تەرتىپلىك بولۇپ، باشتىن ئاخىر بىمارلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە داۋالاش سۈپىتى ۋە مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ھەمدە نىسبەتەن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان رايونىغا، كۆپ مىللەتتىن بولغان بىمارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بىر ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئورگىنىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدۇ.
ھازىر، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئاللىقاچان JCI باھالاش ئۆلچىمىنى دوختۇرخانىنىڭ ئادەتتىكى خىزمەت تەلىپىگە ئايلاندۇردى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈش، رايون ئۆزگىچىلىكى ۋە خەلقئارا تەسىرگە ئىگە بولۇش، داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن تەتقىقات تىپىدىكى دوختۇرخانىغا ئايلىنىش» نىشانى چوقۇم يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشقۇسى!

About People's Daily Online| Contact Us
Copyright by People's Daily Online, All Rights Reserved