كېسەل كۆرسىتش كۆرسەتمىسى
مۇتەخەسىسلەرنى تونۇشتۇرۇش

دوختۇرخانىمىز JCI بويىچە باھالاشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىردى


JCI باھالاش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ پۇختا ۋە ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دوختۇرخانىمىز كلىنىكا ئوقۇتۇشى بىناسىدىكى 800 كىشىلىك يىغىن مەيدانىدا « JCIبويىچە باھالاشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى» چاقىردى. دوختۇرخانىدىكى بارلىق رەھبەرلەر، مەمۇرىي فۇنكىسىيىلىك بۆلۈم-ئىشخانىلاردىكى ئوتتۇرا قاتلام كادىرلار، كلىنىكا مېدىتسىنا تېخنىكىسى مەركىزى\بۆلۈم-ئىشخانىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، سىستېرالار باشلىقى، دوختۇرخانىدىكى بارلىق ۋراچ ۋە سىستېرالار ۋەكىللىرى بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى. دوختۇرخانا ئالايىتەن فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى خۇاشەن دوختۇرخانىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى پروفېسسور لىن جيەنخۇا، JCI ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ساۋ يەنپېي قاتارلىقلارنى دوختۇرخانىمىزغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلىش ۋە يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى؛ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گېڭ جى، دوختۇرخانا باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن جىڭبو يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا شۇجى ياۋ خۇا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئالدى بىلەن، پروفېسسور لىن جيەنخۇا «دوختۇرخانا بىخەتەرلىك ۋە سۈپەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە مۇلاھىزە» تېمىسىدا مەخسۇس تېما دوكلاتى بەردى، ئۇ دوختۇرخانىنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش نەزەرىيىسى ئاساسى، يادرولۇق ئامىلى، دوختۇرخانا رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ مەجبۇرىيىتى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش مۇھىم نۇقتىسى قاتارلىق كۆپ جەھەتتىن دوختۇرخانىنىڭ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى؛ « JCIدوختۇرخانا باھالاش ئۆلچىمى» (5-نۇسخىسى) دىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە ھالقىلىق مەزمۇنلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى، يېڭى نۇسخىدىكى JCI ئۆلچىمىنىڭ جەۋھىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئۇمۇملاشتۇرۇپ، بىزگە باھالاشقا تەييارلىق قىلىشتىكى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ بەردى.
شۇنىڭغا ئەگىشىپلا، دوختۇرخانا باشلىقى ۋېن خاۋ پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق قىلىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش دوكلاتى بېرىپ ئۆتتى. ئۇ دوختۇرخانىنىڭ JCI باش شتابىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى رەسمىي تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە JCI باھالاش بۆلۈمىنىڭ رەسمىي باھالىشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، باھالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ 7 نەپەر تەجرىبىسى ناھايىتى مول JCI باھالىغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەنلىكى، 7 نەپەر مۇتەخەسسىسنىڭ 6 كۈنلۈك تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ دوختۇرخانىمىزغا نىسبەتەن ناھايىتى قاتتىق سىناق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. دوختۇرخانا باشلىقى ۋېن خاۋ يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيانقى باھالاشقا تەييارلىق قىلىش جەريانىنى ئەسلەپ، پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى يۇقىرى-تۆۋەندىكىلەرنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى ماختىدى ۋە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدىكى خىزمەتلەرگە قارىتا مۇنداق تۆت نۇقتىلىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلار: 1. ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇزۇن ۋاقىت پۇت تىرەپ تۇرۇش. ئۇ قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى، بىزنىڭ JCI نى تاللىشىمىزنىڭ سەۋەبى ئىچكى جەھەتتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپىتىگە بولغان ئىنتىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى داۋالاش خادىملىرىنىڭ كەڭ بىمارلارغا بولغان  مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن ئىبارەت. JCI تىن ئۆتۈش ئارقىلىق بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ قېلىپلاشقان بولۇشى، مۇلازىمەت سۈپىتىمىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، داۋالاش مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشى، بىمارلارنىڭ تېخىمۇ رازى بولۇشىنى قولغان كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. 2. يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، پەرققە توغرا مۇئامىلە قىلىش، تەرتىپكە سېلىش ئۈنۈملۈك بولۇش. ئۇ پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق قىلىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا، پۈتۈن دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ JCI خىزمىتىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇشىنى، دوختۇرخانىنىڭ JCI بويىچە تەرتىپكە سېلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېقىندىن ئەگىشىش، تۈزۈمگە ئاساسلىنىپ تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، ھەر قايسى فۇنكىسىيىلىك تارماقلارنىڭ قوماندانلىقىنىڭ كۈچلۈك، تەلىپىنىڭ ئېنىق، ئۆلچىمىنىڭ بىردەك بولۇشى؛ كلىنىكىلىق مېدىتسىنا تېخنىكىسى بۆلۈم-ئىشخانىلىرىنىڭ قوماندانلىققا بويسۇنۇشى، قەدىمى ۋە ھەرىكىتىنىڭ بىردەكلىكنى ساقلىشىنى، ياخشىلاش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، «پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرتىپكە سېلىش، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش» نى تەلەپ قىلدى. 3. ئىدىيىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈمدە ماسلىشىش. ئۇ باشقۇرۇش ۋە كلىنىكا ئارقىلىق بىمارلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيىسىنى يەنىمۇ تۇرغۇزۇشنى، يۇقىرى دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇش، قىسمەنلىكنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ھېسابلاشماسلىق پوزېتسىيىسى بىلەن ھازىرقى ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 4. ھەممەيلەن قاتنىشىش، ئىشەنچ تىكلەش، قاتتىق تىرىشىش. ئۇ ھەر بىرەيلەننىڭ JCI باھالاشتىن ئىبارەت ئۇ ئۇنىۋېرسال سۈپەتنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى، ئەتراپىدىكى بىخەتەر بولمىغان ئىشلارنى بايقىشى، دوكلات قىلىشى، ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ۋېن دوختۇرخانا باشلىقى پەقەت بىزدە كۈچلۈك ئىشەنچ، مۇستەھكەم ئىرادە ۋە بوشاشماس تىرىشچانلىق بولسىلا، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ JCI باھالىشىدىن ئۆتۈشتىن ئىبارەت بۇ تارىخىي ۋەزىپىنى تاماملاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، JCI ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ مېيشىن دوختۇرخانىمىزنىڭ JCI باھالاش خىزمىتىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالى ۋە ھازىر مەۋجۇت بولغان نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېغىر كېسەللەر مېدىتسىناسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۈ شياڭيۇ، سۆڭەك بۆلۈمى مەركىزىنىڭ سىستېرالار باشلىقى شى لىڭيۈن، داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دۇڭ شۈنەن، دورىشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جيەنخۇا قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا كلىنىكا بۆلۈمى ۋە مەمۇرىي فۇنكىسىيىلىك تارماقلارنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە سۆز قىلدى، ئۇلار ئۆز بۆلۈملىرىنىڭ JCI نى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلدى، دوختۇرخانا رەھبەرلىرىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئۆز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ دوختۇرخانىنىڭ JCI باھالاش خىزمىتىگە رازى قىلارلىق ھەسسە قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
ئەڭ ئاخىرىدا، شۇجى ياۋ خۇا خۇلاسىلەپ سۆز قىلدى ھەمدە مۇھىم كۆرسەتمە بەردى. ئۇ دوختۇرخانىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ JCI بويىچە باھالاشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى جەريانىدا سىڭدۈرگەن قان-تەرى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى! ئۇ قالغان 67 كۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدا، پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى يۇقىرى-تۆۋەندىكىلارنىڭ بىر نىيەتكە كېلىپ، بىرلىكتە تىرىشىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، كۈچلۈك خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش روھى بىلەن 60 كۈن قاتتىق تىرىشىشى، بىر قېتىمدىلا JCI بويىچە باھالاشتىن ئىبارەت بۇ جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى!

About People's Daily Online| Contact Us
Copyright by People's Daily Online, All Rights Reserved