كېسەل كۆرسىتش كۆرسەتمىسى
مۇتەخەسىسلەرنى تونۇشتۇرۇش

كېسەللىك تەشۋىقات تەربىيىسى

1. كېسەللىك تەشۋىقات تەربىيىسى
يۈرەك رېتىمى تەرتىپسىزلىشىش دېگەن نېمە؟
يۈرەك رېتىمى بولسا يۈرەك سالغان چاغدىكى رېتىم، نورمال كىشىلەرنىڭ يۈرەك سوقۇشى رېتىملىق بولۇپ، سائەتنىڭ «تىك – تاك، تىك – تاك» قىلىپ سوققىنىغا ئوخشاش ناھايىتى تۇراقلىق ھالەتتە مۇئەييەن بىر رېتىمدا سوقىدۇ. ئەگەر يۈرەك رېتىمى تەرتىپسىزلىكنى يوقاتسا، بۇ يۈرەك رېتىمى تەرتىپسىزلىشىش دەپ ئاتىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ يۈرىكى تەرتىپلىك سوققاچقا، ئادەتتە كىشىلەر يۈرەكنىڭ سوقۇشىنى سېزەلمەيدۇ، بىراق يۈرەك ئەسلىدىكى رېتىملىق سوقۇشىنى يوقاتسا، بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، بەزىدە «يۈرەك توختاپ قالغاندەك، لىفىتقا ئولتۇرغاندا، چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك» ھېس قىلىدۇ، بەزىلەر يۈرەك قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك، يەنە بەزىدە «يۈرەك ئېغىزغا قاپسىلىپ قالغاندەك» سېزىم بولىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا دېمى سىقىلىش، سارەسىمىگە چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللار بولىدۇ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك رېتىمسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى، بىراق ئوخشاش بولمىغان كىشىلەردە ئوخشاش بولمىغان سېزىم بولىدۇ. بۇ يۈرەك رېتىمنىڭ نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان تۈرىنىڭ بولغانلىقىدىن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى يۈرەك رېتىمسىزلىقىنى داۋالاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
يۈرەك رېتىمسىزلىقىنىڭ دائىم ئۇچرايدىغان قايسى ئالامەتلىرى بار؟

About People's Daily Online| Contact Us
Copyright by People's Daily Online, All Rights Reserved