كېسەل كۆرسىتش كۆرسەتمىسى
مۇتەخەسىسلەرنى تونۇشتۇرۇش

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – ساقلىق ساقلاش ساۋاتلىرى
1. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، تاماق تاللىماسلىق، زىيادە تاماق يېمەسلىك. يۇقىرى خولېستېروللۇق، يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەرنى كونتىرول قىلىش، گۆشسىز تاماقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى قوبۇل قىلىشنى كونتىرول قىلىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش كېرەك.
2. تۇرمۇش تەرتىپلىك بولۇش، زىيادە جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش؛ يېتەرلىك ئۇخلاش، كۆپ خىل قىزىقىش يېتىلدۈرۈش؛ كەيپىيات تۇراقلىقنى ساقلاش، چېچىلىش، ھاياجانلىنىش ياكى ئىچى تىت – تىت بولۇشتىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.
3. مۇۋاپىق چېنىقىش پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش.
4. تاماكا چەكمەسلىك ھاراق ئىچمەسلىك: تاماكا ئارتېرىيە دىۋارى قىسقارتىپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ھاراق ئىچىش بولسا ئاسانلا كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
5. ئاكتىپلىق بىلەن ياشانغانلاردىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئالدىنى ئېلىش: مەسىلەن، قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش، قاندىكى ماي يۇقىرى بولۇش، دىئابىت كېسىلى قاتارلىقلار، بۇ كېسەللىكلەر تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
6. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاكتىپلىق بىلەن قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنىڭ قان بېسىمى
 13080mmHg ئۆلچىمىگە يېتىش، مەسىلەن: دىئابىت كېسىلى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى، تاجىسىمان يۈرك كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
7. جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى ئىگىلەش: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ئادەتتە تۇيۇقسىز قوزغىلىدۇ، شۇڭا بەزى جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرى، مەسىلەن: نىتروگلىتسىرىن، تېزلىكتە يۈرەك قۇتقۇزۇش كومىلىچى قاتارلىق دورىلارنى ياندا ئېلىپ يۈرۈش، ئائىلىدە ئوكسىگېن، قان بېسىمى ئۆلچىگۈچ قاتارلىق داۋالاش سايمانلىرىنى ھازىرلاپ قويۇش لازىم.
 
 

About People's Daily Online| Contact Us
Copyright by People's Daily Online, All Rights Reserved