كېسەل كۆرسىتش كۆرسەتمىسى
مۇتەخەسىسلەرنى تونۇشتۇرۇش

تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى

تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ساۋاتلىرى تەربىيىسى
تۇغما خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تۇغما يۈرەك كېسىلى دەپ ئېلىندى) بوۋاقلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ پەيدا بولىدىغان كېسەللىك، دۆلىتىمىزنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى %0.8 گە يېتىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، بالىلار يۈرەك كېسىلى ئوپراتسىيىسىگە ئادەتتە نەچچە ئون مىڭ يۈەن كېتىدۇ، تەخمىنەن 3\1 قىسىم بىمار مۇشۇ سەۋەبلىك قۇتقۇزۋېلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، 20 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرەلمەيدۇ. ئەگەر داۋالىنىشى ۋاقتىدا بولسا، %90 دىن كۆپرەكىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ساقايتىۋېلىشقا بولىدۇ. تۆۋەندە تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى ساقلىق ساقلاش ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
1. ئوپراتسىيەدىن كېيىن بىمارنىڭ تېنى ئاجىز بولغاچقا، ئائىلە باشلىقىنى ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، سۇيۇق – سەلەڭ سۈت تۈرىدىكى، ئورۇق گۆش، بېلىق – راك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بېرىشىكە يېتەكلەش كېرەك، مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە – چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ، تاماق مىقدارى ئاز، قېتىم سانى كۆپ بولۇشى، ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشنى چەكلەش لازىم. كېسەللىك ئالامىتى مۇرەككەپ، يۈرەك ئىقتىدارى تۆۋەن شۇنداقلا ئوپراتسىيەدىن كېيىن داۋاملىق قان چۈشۈۋالىدىغان بۆرەك ئاجىزلاش تىپىدىكى بىمارلار تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
2. ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى يېرىم يىل ئىچىدە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى، يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىز، ئۇزۇن مەزگىلگىچە يۈرەكنى كۈچەيتىش دورىسى ئىستېمال قىلىدىغان بىمارلار بۇنىڭغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. يېرىم يىلدىن كېيىن يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىغا قاراپ ھەرىكەت مىقدارىنى بارغانسىرى كۆپەيتىپ بېرىش، بىراق جىددىي ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭ چېنىقىش پرىنسىپى ئاۋال ئۆي ئىچىدە ئاندىن كېيىن سىرتتا چېنىقىش، ھەرىكەت مىقدارى كىچىكلىكتىن چوڭايتىش، تەدرىجىي كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.
3. پەرۋىش قىلىش مۇھىتى تېنچ، ئازادە بولۇش، ئۆي ئىچىنىڭ نەملىك ۋە تېمپىراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ساقلاش، كەيپىياتنىڭ ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالدى كۆكرەكنىڭ ئوتتۇرىسى كېسىلگۈچىلەر ئوپراتسىيەدىن كېيىن، توخۇ كۆكرەك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇخلىغاندا ئوڭچە يېتىش، يانچە يېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
4. ئوپراتسىيەدىن كېيىن ئادەم كۆپ سورۇنلارغا ئاز بېرىش، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش ھەمدە ھاۋارايىنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئاساسەن كىيىم كېيىش كېرەك. تۇرالغۇ ئۆيى شامال ئۆتۈشىدىغان بولۇش، پاكىزلىقنى ساقلاش كېرەك. ئوپراتسىيەدىن كېيىن تېمپىراتۇرىنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە دىققەت قىلىش، ئەگەر زۇكام، ئىچى سۈرۈش، چىش مىلىك ياللۇغى، ئانگىنا، نامەلۇم سەۋەبتىن قىزىش قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا دەل ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
5. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىستېمال قىلىش، يۈرەك كۈچەيتىش دورىسىنى ئىستېمال قىلىشتىن ئىلگىرى تۇمۇرنىڭ سوقۇش قېتىم سانىنى ئۆلچەش، بىر مىنۇتتا 70 قېتىمدىن ئاز بولسا دورا ئىستېمال قىلىشنى توختىتىش كېرەك.
6. ئوپراتسىيەدىن كېيىن قەرەللىك ھالدا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ تۇرۇش، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى روشەن ئېشىپ كەتسە سۈيدۈك ھەيدەش دورىسىنى ئىچىشنى كۈچەيتىش كېرەك. دوختۇرخانىدىن كېيىن قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، كۆكرەك سۈرىتى، يۈرەك دىئافراگما سۈرىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى قايتا تەكشۈرتۈپ، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە قايتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇش كېرەك.
 

About People's Daily Online| Contact Us
Copyright by People's Daily Online, All Rights Reserved