كېسەل كۆرسىتش كۆرسەتمىسى
مۇتەخەسىسلەرنى تونۇشتۇرۇش

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ساقلىق ساقلاش ساۋاتلىرى تەربىيىسى
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولسا كۆپ ئۇچرايدىغان يۈرەك قان تۇمۇر سىستېمىسى كېسەللىكى. يېقىنقى يىللاردىن پەيدا بولۇش نىسبىتى بارغانسىرى يۇقىرىلاپ، كېسەللىك پەيدا بولۇش يېشى بارغانسىرى كىچىكلەپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە قاتتىق تەھدىت سالماقتا. كېلىنكىدا كۈزىتىلىشىچە، كېسەللىك پەيدا بولۇشى ناچار بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، بالنىستا ياتقان بىمارلارغا ساغلاملىق تەربىيىسى بېرىش ئارقىلىق، بىمارلارغا تۇرمۇش ھەرىكىتىنى ياخشىلاش شۇنداقلا تۇرمۇشتا كېرەكلىك بولغان بىلىملەر بىلەن تەمىنلىدۇق. ئالاقىدار تونۇشتۇرۇش تۆۋەندىكىچە:
1. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ئاساسى ساۋاتلىرى تەربىيىسى:
ئاۋال بىمارلارغا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە ئائىت ئاساسى بىلىملەر بىلەن تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىش ياكى تارتىشىپ قېلىش سەۋەبىدىن قان تۇمۇر بوشلۇقى توسۇلۇپ قېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان يۈرەك كېسىلى، كېلىنكىدا يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇلى ئىنفاراكتى تىپى دائىم ئۇچرايدۇ. يۈرەك سانجىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا تۆش سۆڭەكنىڭ كەينى قىسمى باسقاندەك ئاغرىق پەيدا بولۇپ، يۈرەكنىڭ ئالدى قىسمى ۋە يۇقىرىقى مۆچىگىچە تارقىلىپ، بىر قانچە مىنۇت داۋاملىشىدۇ، ئارام ئالغاندىن كېيىن ياكى نىتروگلىتسىرىن ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئاغرىق پەسىيىدۇ. يۈرەك مۇسكۇلى ئىنفاراكتىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى بولسا تۆش سۆڭەكنىڭ كەينى ئاغرىيدۇ ياكى يۈرەك ئالدى رايونى قاتتىق ئاغرىيدۇ، بەزىدە كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، قاتتىق تەرلەش، كۆڭلى ئارامسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، نىتروگلىتسىرىن ئىستېمال قىلسىمۇ پايدىسى بولمايدۇ، ئېغىر بولغانلىرى يۈرەك رېتىمى تەرتىپسىزلىشىش، شوك بولۇپ قېلىش ياكى يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش ھەتتاكى ھاياتىغا خەۋپ يېتىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
2. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى يېمەك – ئىچمەك ساغلاملىق تەربىيىسى
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللاردىن تۆۋەندىكىلەر بار: (1) قان زەردابى خولېستېرولى يۇقىرى ئۆرلەش؛ (2) قان بېسىمى يۇقىرى ئۆرلەش؛ (3) تاماكا چېكىش؛ (4) دىئابىت كېسىلى؛ (5) سېمىزلىك؛ (6) ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار، شۇنىڭ ئۈچۈن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارىغا ساغلاملىق تەربىيىسى بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. يېمەك – ئىچمەكتە ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىش، تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ۋە خولېستېرول قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش، ھەمدە ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، ماي تەركىبى تۆۋەن، تۇز تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى تاللاش، تالا مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، تاماق مىقدارى ئاز، قېتىم سانى كۆپ بولۇش، ھاراق – تاماكىنى تاشلاش قاتارلىقلار.
3. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى دورا بىلەن داۋالاش تەربىيىسى
بىمار ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە ئائىت دورىنىڭ ئىسمى، ئاساسلىق رولى، ناچار تەسىرى، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى شۇنداقلا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار قاتارلىقلارنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇش لازىم: يۈرەك سانجىقى قوزغالغاندا تىلنىڭ ئاستىغا نىتروگلىتسىرىنىنى قويۇپ شۈمەش، ھەرگىزمۇ يۇتۇۋالماسلىق لازىم. دورىنى ئادەتتە قۇڭۇر رەڭلىك ھىم ئېتىلغان كىچىك قۇتا ئىچىدە ساقلاش، قىزىش، نەمدىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساقلاش ۋاقتىغا دىققەت قىلىش لازىم، ئادەتتە ساقلاش ۋاقتى 6 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، دائىم ياندا ئېلىپ يۈرۈش كېرەك. نېترات كىسلاتالىق ئېستىر تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلەتكەندە باش قېيىش، باش ئاغرىش، باش چايقالغاندەك بولۇش، يۈز قىزىرىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، داۋاملىق ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ، دورا ئىستېمال قىلغان مەزگىلدە ئۆزى خالىغانچە تۇيۇقسىزلا دورا ئىشلىتىشنى توختىتپ قويماسلىق ياكى ئىستېمال قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. بىمارنى نازارەت قىلغۇچى ۋاقتىدا، مىقدارى بويىچە ئىستېمال قىلدۇرۇش، ئەگەر بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەل ۋاقتىدا داۋالاش خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك. بەدەن ئورنى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىمارغا ئورۇندىن تۇرغاندا ئاستا ھەرىكەت قىلىشنى ئەسكەرتىش لازىم. بالنىستىن چىققان بىمارلار بالنىست سىرتىدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلغاندىن باشقا، دوختۇرنىڭ دەل ۋاقتىدا دورا تەڭشەش، يېتەكچىلىك قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، قەرەللىك ھالدا قايتا تەكشۈرتۈپ تۇرىشى لازىم.
 

About People's Daily Online| Contact Us
Copyright by People's Daily Online, All Rights Reserved