كېسەل كۆرسىتش كۆرسەتمىسى
مۇتەخەسىسلەرنى تونۇشتۇرۇش

سوزۇلما ئۆپكە كېسەللىكلىرى

توسۇلۇش خاراكتېرلىك سوزۇلما ئۆپكە كېسەللىكلىرى يېمەك – ئىچمەك پرىنسىپى
1. يېمەك – ئىچمەك سۇيۇق – سەلەڭ بولۇش، زىيادە تويۇۋالماسلىق، زىيادە تۇزلۇق بولماسلىق؛ نەپەس يولىنى غىدىقلاپ، يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نەپەسلىنىش جىددىيلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھاراق – تاماكا تاشلاش، ئاچچىق، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، بېلىق، راك شۇنداقلا ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
2. ئۆپكە گازلىق ئىشىشقى تەرەققىي قىلىپ يۇقۇملانغاندا، كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىش، يېرىم سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش بەلغەم بوشىتىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ئۆپكە گازلىق ئىششىقىدا بەلغەم كۆپ، سۇيۇق، قىسقا نەپەسلىنىپ ھاسىرىغان چاغدا، تەبىئىتى مۆتىدىل تاماقلارنى مەسىلەن: ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى بولغان توخۇ شورپىسى، چوشقا جىگەر شورپىسى، ئورۇق گۆش قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، ئۆپكىگە قۇۋۋەت تولۇقلاش كېرەك.
4. ئۆپكە گازلىق ئىششىقى ئۇزىراپ كېتىپ، ھاسىراش ئېغىرلاپ كەتكۈچىلەر مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەيدىغان، مەسىلەن: نەشپۈت، ئالما، قارىئۆرۈك، دولانە، تاشپاقا قاتارلىقلارنى تاللاش كېرەك.
5. ھاسىراش كۈچىيىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ماگنىي تەركىبى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەردىن پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، گازلىق ئىچىملىك، ياڭيۇ، بانان قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
6. پەرھىز تۇتىدىغان يېمەكلىكلەر: سېمىز گۆش، چوشقا گۆشى، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، ھاراق، مۇچ، قىچا تالقىنى، باش پىياز، بېلىق، راك.
7. ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىپ، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش. مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاپ، ئىس – تۈتەك، چاڭ – توزاڭ ۋە غىدىقلىغۇچى گاز قاتارلىقلارنىڭ نەپەسلىنىش ياللۇغىغا بولغان تەسىرىدىن ساقلىنىش لازىم.
بىمارلاردا يۆتەلسە بەلغەم كۆپىيىش، ھېرىپ – چارچاپ ئاسان تەرلەش، ھاسىراش، مەيدىسى چىڭقىلىش، جىنسىي ھەۋىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. بىمارلار بۇ باسقۇچتا دائىم ھاسىراشنى بېسىلدۇرىدىغان ھەر خىل دورىلارنى سېتىۋېلىشقا باشلايدۇ، دورىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامىتىدە ياخشىلىنىش بولغاندەك بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇن ۋاقىت بۇ دورىلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەللىك ئەھۋالى يىلدىن – يىلغا ئېغىرلاپ كېتىپ، بىمارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەگەر مۇشۇ باسقۇچتا بىمار جۇڭيى دورىسى بىلەن داۋالانسا پايدىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، بىراق داۋالاش باسقۇچى ئۇزىراپ كېتىدۇ.
 

About People's Daily Online| Contact Us
Copyright by People's Daily Online, All Rights Reserved