كېسەل كۆرسىتش كۆرسەتمىسى
مۇتەخەسىسلەرنى تونۇشتۇرۇش

بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى

بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟
دەسلەپكى باسقۇچتا بويۇن بىئارام بولۇپ، بويۇن ئاغرىيدۇ شۇنداقلا ھەرىكەت توسالغۇغا ئۇچرايدۇ
نېرۋا يىلتىزى بېسىلغاندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۆچە ئاغرىيدۇ، قول بارماقلىرى كۈچسىز بولىدۇ شۇنداقلا بارماق ئۇچىغا رىئاكسىيە قىلغاندەك سېزىم بولىدۇ.
ئەگەر ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ئارتېرىيەسى بېسىمغا ئۇچرىسا، باش قېيىش، ئاغرىش، باش قېيىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
يولۇن بېسىمغا ئۇچرىسا، قول – پۇتلىرى كۈچسىز بولۇش، ھەرىكەت تېتىك بولماسلىق، يول يۈرسە پاختا دەسسىگەندەك سېزىم بولىدۇ، يول يۈرۈش تەسلىشىش، قەدەملىرى نورمالسىز بولۇش ھەتتا ئۆرە تۇرۇش تەڭپۇڭ بولماسلىق شۇنداقلا چوڭ – كىچىك تەرەت ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى ئوپراتسىيە قىلماي داۋالاش
ئارام ئېلىش
بويۇنتورۇق تاقاش ۋە ئېڭەك تىرەش
فىزىكىلىق داۋالاش
بويۇن ئومۇرتقىسىنى تارتىپ داۋالاش ئۇسۇلى
دورا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئۇۋىلاش، ئۇۋىلاپ داۋالاش ئۇسۇلى
 
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن قايسىلار بار؟
كەينى ئومۇرتقا تاختىسىنى كېڭەيتىپ شەكىل كىرگۈزۈش ئوپراتسىيىسى
ئالدى ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنى كېسىش ئوپراتسىيىسى، ئومۇرتقا تېنى ئارىلىقغا سۆڭەك كۆچۈرۈپ بىرلەشتۈرۈش ئوپراتسىيىسى
ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنى ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيىسى
ئوپراتسىيەدىن كېيىن ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
ئاۋال بەزى چوڭقۇر نەپەسلىنىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۆپكىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛
ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە، پۇت – قول ھەرىكىتى يېتىش ئورنى بارغانسىرى يېرىم يېتىش، ئولتۇرۇشقا ئاندىن كېيىن كارۋاتتىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلىشقا ئۆزگىرەيدۇ.
ئوپراتسىيە قىلغان ئورۇنغا قارىتا، ئېڭەك تىرىگۈچنىڭ قوغدىشى ئارقىسىدا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرسە بولىدۇ، بىراق جىددىي ھەرىكەت قىلىپ، بويۇننى تولغاش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك.
ئەڭ ئاخىرىدا، ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى 3 ئاي، يېرىم يىل، بىر يىل، ئىككى يىلدا دوختۇرخانىغا كېلىپ سۈرەتكە ئالدۇرۇپ، قايتا دىئاگنوز قويدۇرۇپ، ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى ئەسلىگە قايتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ.
 
 

About People's Daily Online| Contact Us
Copyright by People's Daily Online, All Rights Reserved