كېسەل كۆرسىتش كۆرسەتمىسى
مۇتەخەسىسلەرنى تونۇشتۇرۇش

دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مەركىزى

(1) بالىلار كېسەللىكلەر مەركىزى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بالىلار كېسەللىكلەر كەسپى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، 1988-يىلى ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش ئورنىغا ئايلانغان، 2009-يىلى دوكتور تەربىيىلەش ئورنىغا ئايلانغان ھەم 2013-يىلى 8-ئايدا دوختۇرخانا بالىلار ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە بالىلار تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنى قايتا تەشكىللەپ، بالىلار كېسەللىكلەر مەركىزىنى قۇرغان. مەركەز ئوتتۇرا ياش، ياش دوختۇرلارنى تايانچ قىلغان كەسپىي تېخنىكا قوشۇنى بولۇپ، ھازىر پروفېسسوردىن 2 نەپەر، مۇئاۋىن پروفېسسوردىن 5 نەپەر، دوكتور يېتەكچىسىدىن 2 نەپەر، ماگىستىر يېتەكچىسىدىن 9 نەپەر بار، بۇ قوشۇن يېقىنقى 3 يىلدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تايانچ پەنلىرى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ دەرىجىلىك ئىلغار قوشۇن بولۇپ باھالانغان بولۇپ، «دۇنيا دىئابىت كېسىلى فوندى جەمئىيىتى-جۇڭگو بالىلار دىئابىت كېسىلىنى باشقۇرۇش تۈر مەركىزى» دېگەن تاختا ئېسلىغان ھەم دورا كلىنىكىلىق تەجرىبە ئاپپاراتى (GCP) سالاھىيەت ئېتىراپىدىن ئۆتكەن.
(2) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ ۋاسىتە كىرگۈزۈش رېنتگېن مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ ۋاسىتە كىرگۈزۈش رېنتگېن مەركىزى ئەسلىدىكى ۋاسىتە كىرگۈزۈش رېنتگېن بۆلۈمى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ رايونىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاشنى يولغا قويغان ئورۇن بولۇپ، كۆپ تۈرلۈك غەربىي شىمال رايون ئەتراپىدىكى سىرتقا يۆتكەلگەن ۋاسىتە كىرگۈزۈش تېخنىكىسىنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرغان، ھازىر شىنجاڭدا ئالدىنقى قاتاردا، دۆلەت ئىچىدە ئىلغار سەۋىيىدە تۇرىدۇ. 2013-يىلى سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئەتراپ تومۇرلىرىغا ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاش بويىچە تەربىيىلەش بازىسى بولۇپ باھالانغان.
مەركەز ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق پەن— تېببىي ئوبراز ئىلمىنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 80-يىللاردىن باشلاپ ئەتراپتىن ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆسمىنى ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاشنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، غەربىي شىمال رايونىدىكى تۇنجى TIPSS تېخنىكىسى ئارقىلىق جىگەر قېتىشىش قاپقان ۋېناسى يۇقىرى بېسىم كېسىلى ھەم بۇجاش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى ۋە قىسمەن خاراكتېرلىك تال ئارتېرىيىسى نۆكچىلىك توسۇلۇش ھەم بۆرەك ئارتېرىيىسى ۋە ئوقۇرەك ئاستى ئارتېرىيىسى سفائېرودور تىرەك ھاسىل قىلىش ئوپېراتسىيىسىنى تاماملىغان. مەركەز چوڭ كېسەللىك، ھەر قايسى سىستېما ۋە ئەزالار ئاساس قىلىنغان ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاش تېخنىكىسى سۇپىسىغا ئايلانغان بولۇپ، ياخشى-يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ئۇنىۋېرسال ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاش، ئەتراپ قان تومۇر مەنبەلىك كېسەللىكلەرنى ئىچىگە تىرەك سېلىپ ئوپېراتسىيە قىلىش، كۆكرەك-قورساق ئائورتا كېسەللىكلىرىنى ئىچكى بوشلۇقتا داۋالاش، جىگەر قېتىشىش قاپقان ۋېنا يۇقىرى بېسىمنى ئۇنىۋېرسال ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاش، بۇجاش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنى ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاش، ھەزىم قىلىش ۋە نەپەس يولى سىستېمىسى غەيرىي قان تومۇر ئىچىگە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيىسى، نېرۋا-يۇلۇن قان تومۇر كېسەللىكىنى سايىلەندۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش ۋە ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاش قاتارلىق ئۆزگىچە داۋالاشلارنى قانات يايدۇرغان، يىللىق ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاش ئوپېراتسىيىسىدىن 7000 دىن ئارتۇقىنى تاماملىغان.
مەركەزدە ھازىر داۋالاش ۋە پەرۋىش خادىملىرىدىن 15 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، مۇدىر ۋراچ/پروفېسسوردىن 1 نەپەر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچتىن 2 نەپەر، مۇئاۋىن مۇدىر تېخنىكتىن 1 نەپەر بار. خادىملارنىڭ ئوقۇش تارىخى: دوكتوردىن 1 نەپەر، دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقانلاردىن 2 نەپەر، ماگىستىردىن 2 نەپەر، دوكتور يېتەكچىسىدىن 1 نەپەر، ماگىستىر يېتەكچىسىدىن 2 نەپەر قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان.
(3) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ پىسخولوگىيە تېبابەتچىلىكى مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ پىسخولوگىيە تېبابەتچىلىكى مەركىزى 2013-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن 1992-يىلى روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى بولۇپ قۇرۇلغان. مەزكۇر مەركەزنى دوختۇرخانا مۇستەقىل قۇرغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلىرى ئىچىدە كېسەل كارۋات سانى ئەڭ كۆپ، ئىككىنچى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەڭ تولۇق، كەسپىي تېخنىكا كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى روھىي ساغلاملىق ۋە روھىي تازىلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئۈچى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كلىنىكا 2-دەرىجىلىك پېنى ھېسابلىنىدۇ.
(4) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش مەركىزى 2013-يىلى تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن سۈيدۈك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە ئەرلەر كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئىدى، ھازىر ئۈچ كېسەل رايونى ۋە بىر ئۇنىۋېرسال ئامبۇلاتورىيىدىن تەشكىل تاپقان، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى ئۆسمە كېسەللىكلەر رايونىدا 44 كارۋات، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى تاش چۈشۈش كېسەللىك رايونىدا 41 كارۋات، ئەرلەر كېسەللىكلىرى رايونىدا 29 كارۋات بار. سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش ئەرلەر كېسەللىكلەر ئۇنىۋېرسال ئامبۇلاتورىيىسىدە بەدەن سىرتىدىن زەربە بېرىپ تاش پارچىلاش مەركىزى، سۈيدۈك دىنامىكا تەتقىقات ئىشخانىسى، دوۋساق ئەينىكى تەكشۈرۈش ئۆيى ۋە ئەرلەر كېسەللىكلىرى داۋالاش ئۆيى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان، يىللىق داۋالاش مىقدارى 50 مىڭدىن كۆپ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. مەركەزدە ھازىر داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش خادىملىرىدىن 70 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پروفېسسوردىن 1 نەپەر، مۇئاۋىن پروفېسسوردىن 3 نەپەر، مۇدىر ۋراچتىن 4 نەپەر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچتىن 6 نەپەر، دوكتور يېتەكچىسىدىن 1 نەپەر، ماگىستىر يېتەكچىسىدىن 4 نەپەر بار.
(5) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا تەسۋىر چۈشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا تەسۋىر چۈشۈرۈش مەركىزى رېنتگېن، CT ئۆيى ۋە MRI ئۆيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى ئارقىسىدا، تەدرىجىي ھالدا پەن-تېخنىكا باشلامچىلىرى پەن-تېخنىكا قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش ۋە ئوقۇتۇش پەن-تەتقىقاتىغا باشلاپ كىرگەن، ئىككىنچى كەسىپ مۇدىرى مەمۇرىيەت ۋە كلىنىكىلىق داۋالاش تەشكىلىي باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىغا مەسئۇل بولۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق پەن-تېخنىكا، شىنجاڭ رېنتگېن سۈپەت كونترول مەركىزى، شىنجاڭ تېببىي تەسۋىر چۈشۈرۈش تەتقىقات ئورنى، تېببىي تەسۋىر چۈشۈرۈش بىلەن يادرو مېدىتسىنا كەسپى ماگىستىر/دوكتور ئورنى، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مەخسۇس بۆلۈم ۋراچلىرىنى تەربىيىلەش بازىسىدىكى ئىشەنچلىك ئورۇنغا ئايلانغان، تېببىي تەسۋىر چۈشۈرۈش كلىنىكىلىق تېخنىكا تەربىيىلەش بازىلىق رولى، تەربىيىلەش مەركىزى ۋە پەن-تەتقىقات مەركىزى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرغان.
(6) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا تەكشۈرۈش مەركىزى دوختۇرخانا 1956-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەڭ بۇرۇن تەسىس قىلغان بۆلۈمنىڭ بىرى بولۇپ، يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كلىنىكىلىق تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ جايلاشقان ئورنى ھېسابلىنىدۇ. تەشكىلىي ئاپپاراتى تولۇق، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسى مۇۋاپىقلاشقان يۇقىرى سەۋىيىدىكى قوشۇندۇر.
(7) مەركەز ئېغىز بوشلۇقى داۋالاش مەركىزى (چىش تېنى چىش يىلىكى بۆلۈمى، چىش ئەتراپى شىللىق پەردە بۆلۈمى، ئېغىز بوشلۇقى تۈزەش بۆلۈمى، ئېغىز بوشلۇقى غەيرىلىكىنى تۈزەش بۆلۈمى، بالىلار چىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمى، چىش ئوقۇرى تاشقى بۆلۈمى، ئېڭەك-يۈز قىسىم ئۆسمىسى تاشقى بۆلۈمى ھەم ئېڭەك-يۈز قىسىم يارىسى تاشقى بۆلۈمى)، ئېغىز بوشلۇقى تەتقىقات ئورنى ۋە ئېغىز بوشلۇقى تېببىي ئىلمى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان، جەمئىي ئورۇندۇقتىن 92 سى، كارىۋات ئورنىدىن 64 ى بار. ھازىر بار بولغان ئىشچى-خىزمەتچىدىن 116 نەپەر بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پروفېسسوردىن (مۇدىر ۋراچ) 7 نەپەر، مۇئاۋىن پروفېسسوردىن (مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچ) 11 نەپەر، لېكتوردىن (مەسئۇل ۋراچ) 28 نەپەر بار؛ دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسىدىن 5 نەپەر، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسىدىن 11 نەپەر بار. مەركەزدىكى ھەر قايسى ئىككىنچى كەسىپ مەسئۇللىرى ئايرىم-ئايرىم جۇڭخۇا ئېغىز بوشلۇقى كېڭىشىنىڭ كېڭەش ئەزالىقى، چىش تېنى چىش يىلىكى كېسەللىك ئىلمى، ئېڭەك-يۈز تاشقى بۆلۈم ئىلمى، تۈزەش ئىلمى، بالىلار چىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شىللىق پەردە ئىلمى، غەيرىيلىكنى تۈزەش ئىلمى، ئېغىز بوشلۇقى ماتېرىيال ئىلمى، ئېغىز بوشلۇقى تەربىيىلەش كەسپىنىڭ ھەر قايسى كەسىپ كومىتېتىنىڭ كومىتېت ئەزالىقى ھەم شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى قاتارلىق ئىلمىي ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان.
(8) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىلىنىڭ بېشىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر 30 يىل بولغان، دەسلەپكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە، ئاندىن يەنە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن بۈگۈنكى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزگە تەرەققىي قىلغان؛ خادىملىرى دەسلەپكى مۇقىم سېسترا بار مۇقىم دوختۇر يوقلۇقتىن نۆۋەتتىكى داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش خادىملىرى بىردەك مۇقىم بولۇشقا تەرەققىي قىلغان؛ كەسىپ دائىرىسى دەسلەپكى قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى دوختۇرخانا يۆتكىلىپ داۋالىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن تەرەققىي قىلىپ نۆۋەتتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىشتىن بۇرۇنقى جىددىي قۇتقۇزۇش، دوختۇرخانا ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش، خەتەرلىك ئېغىر كېسەللىكلەرنى قوغداشتەك ئۈچ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىغا ئايلانغان.
(9) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئانا-بالا تېببىي ئىلىم مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئانا-بالا تېببىي ئىلىم مەركىزى تۇغدۇرۇش تېببىي ئىلمى، تېببىي ئىلىم ئىرسىيەتشۇناسلىق، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئىلمى ۋە تەسۋىر چۈشۈرۈش تېببىي ئىلمى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ئۈچىنچى دەرىجىلىك پەنگە چېتىلىدۇ، ئانا-بالىلار ساغلاملىقىغا كۈچ چىقىرىپ، كەمتۈك تۇغۇلۇپ قېلىشنى ئازايتىپ، تۇغۇلغان نوپۇس ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان يېڭى پەن ھېسابلىنىدۇ.
(10) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەركىزى ئىلگىرىكى يۇقۇملىنىش بۆلۈمى بولۇپ، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر يۇقۇملۇق كېسەللىك كەسپىدىكى دوكتور (پەن-تەتقىقات تىپىدىكى ۋە كلىنىكىلىق كەسىپ تىپىدىكى) قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان داۋالاش، ئوقۇتۇش پەن-تەتقىقات ئاپپاراتى، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر دۆلەتلىك SFDA ئېتىراپىدىن ئۆتكەن جىگەر كېسىلى كەسپىي دورىلىرىنى كلىنىكىلىق تەجرىبە قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان تەتقىقات بازىسى ۋە شىنجاڭ بالىنتسا ۋراچلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيىلەش، بارلىق بۆلۈملەر ۋراچلىرىنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تايانچ ۋراچلىرىنى تەربىيىلەش بازىسى. 2011-يىلى دۆلەتلىك سەھىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «پەرۋىش قىلىشتىكى ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئۈلگىلىك كېسەلخانىسى» بولۇپ تەستىقلانغان، ئىلگىرى سەھىيە مىنىستىرلىكى تەربىيىلىگەن يۇقۇملۇق كېسەل كەسپىي تايانچ ۋراچلار تۈرى ۋە شىنجاڭ «باھار يامغۇرى قۇرۇلۇشى» تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان.
(11) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا قان كېسىلى مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا قان كېسىلى مەركىزى ئەسلىدىكى قان بۆلۈمىدىن تەرەققىي قىلىپ چوڭىيىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. نۆۋەتتە 4 ئىككىنچى كەسپى بار، ئايرىم-ئايرىم قان ھاسىل قىلىش غول ھۈجەيرىسىنى كۆچۈرۈش، يامان سۈپەتلىك قان ئۆسمىسىنى داۋالاش، قان توختىتىش ۋە قان نۇكچىسى مەنبەلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش ھەم قىزىل ھۈجەيرە كېسەللىكىنى داۋالاش؛ 3 كلىنىكىلىق كېسەل رايونىدا، جەمئىي 101 كېسەل كارۋىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى قان ھاسىل قىلىش غول ھۈجەيرىسىنى كۆچۈرۈشتىكى يۈز دەرىجىلىك قەۋەتلىك ئېقىم كارۋىتىدىن 10 ى بار؛ 1 تەجرىبە دىئاگنوز قويۇش گۇرۇپپىسى بار بولۇپ، ھۈجەيرە ھالىتى تەجرىبىخانىسى، گېمولىز ۋە قان توختىتىش قان نۇكچىسى تەجرىبىخانىسى، ئاقما ھۈجەيرە تەجرىبىخانىسى، FISH ۋە بوياش بەدەن تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى، HLA بىلەن بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسى ۋە غول ھۈجەيرە بۆلۈنۈش، يىغىش ۋە توڭلىتىش تەجرىبىخانىسى قاتارلىق 6 تەجرىبىخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ نۆۋەتتە پروفېسسور، مۇدىر ۋراچتىن 1 نەپەر، مۇئاۋىن پروفېسسور، مۇدىر ۋراچتىن 4 نەپەر، دوكتور يېتەكچىسىدىن 3 نەپەر، ماگىستىر يېتەكچىسىدىن 6 نەپەر بار؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قان كېسەللىكى تەتقىقات ئورنى مەركەزگە يۆلەك ئورۇندۇر.
(12) سۇڭ چىڭلىڭ (شىنجاڭ) ئاياللار-بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: غەربىي قىسىمنىڭ ئاياللار-بالىلار داۋالاش سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دوختۇرخانىمىز جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، 2006-يىلى سۇڭ چىڭلىڭ (شىنجاڭ) ئاياللار-بالىلار دوختۇرخانىسىنى قۇردى. مەزكۇر دوختۇرخانا ئەسلىدىكى ئاياللار كېسەللىكى، بوۋاقلار كېسەلخانىسى (تۇغۇت بۆلۈمى)، كۆپىيىش ھامىلىدار بولۇشقا ياردەم بېرىش مەركىزى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمى، بالىلار بۆلۈمى، سۈت بېزى تاشقى بۆلۈمى، بالىلار تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرنى بىرلەشتۈرۈپ تەشكىللەش ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، تېخنىكا كۈچى مول، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئېسىل، كلىنىكا، ئوقۇتۇش، پەن-تەتقىقات بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا. 2011-يىلى 2-بالنىتسا بۆلۈمى بىناسىغا كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، ئايلىنىشى ياخشى بولماقتا. نۆۋەتتە كەسىپ ئۆي قۇرۇلۇش كۆلىمى 26000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، كېسەل كارۋىتىدىن 580 ى، ۋراچتىن 95 نەپەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي ئۇنۋانلىقلار 43 نەپەر، ماگىستىر يېتەكچىسىدىن 18 نەپەر، دوكتور يېتەكچىسىدىن 5 نەپەر بار؛ داڭلىق دوختۇردىن 1 نەپەر، ئوقۇتۇش داڭلىق ئوقۇتقۇچىسىدىن 2 نەپەر، پەن باشلامچىسىدىن 4 نەپەر بار. يىللىق كېسەل داۋالاش مىقدارى 340 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپ بولۇپ، يىللىق داۋالانغان بىمارلار 17 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.
(13) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئۆسمە مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئۆسمە مەركىزى ئىلگىرىكى رادىئاتسىيىلىك داۋالاش بۆلۈمى بولۇپ 2001-يىلى قۇرۇلغان. 2012-يىلى دوختۇرخانا تەرىپىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى بىر تۇتاش باشقۇرۇش تىپىدىكى كلىنىكا مەركىزىنىڭ بىرى دەپ بېكىتىلگەن، نۆۋەتتە تۆۋەندە ئۆسمە بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كېسەللىك رايونى ۋە ئۆسمە كۈندۈزلۈك كېسەلخانىسى، تېزلەتكۈچ ئۆيى، ئۆسمە مەخسۇس كېسەللىكلەر ئامبۇلاتورىيىسى، ئۆسمە داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ كېسەل يوقلاش ئامبۇلاتورىيىسى، مۇناسىۋەتلىك بۆلۈم-ئىشخانىلارنىڭ ئۆسمە ئالىي مۇتەخەسسىسلەر ئامبۇلاتورىيىسى ۋە ئۆسمە كۆپ پەنلەر بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيىسى تەسىس قىلغان. كارۋات ئورنىدىن 137 سى بار، ھازىر بار بولغان ئىشىچى-خىزمەتچىلەردىن 137 سى بار، بۇنىڭ ئىچىدە مۇدىر ۋراچتىن 3 نەپەر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچتىن 4 نەپەر، فىزىكىلىق تېخنىكا خادىمىدىن 11 نەپەر، مۇئاۋىن مۇدىر ئالىي سېسترادىن 2 نەپەر، دوكتوردىن 2 نەپەر، ماگىستىردىن 19 نەپەر، دوكتور يېتەكچىسىدىن 1 نەپەر، ماگىستىر يېتەكچىسىدىن 1 نەپەر، پروفېسسوردىن 1 نەپەر، مۇئاۋىن پروفېسسوردىن 2 نەپەر بار.
(14) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ھەزىم قىلىش قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ھەزىم قىلىش قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر مەركىزى ئىلگىرىكى ئادەتتىكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى بولۇپ، 1956-يىلى تەسىس قىلىنغان. ھەزىم قىلىش قان تومۇر تاشىقى كېسەللىكلەر مەركىزى تارماقلىرىدىن: قان تومۇر قالقانسىمان بەز تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، سۈت بېزى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئاشقازان-ئۈچەي (ئۆسمە) تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، جىگەر ئۆت قاپلىق قۇرت تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، جىگەر لاپاروسكوپ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئاشقازان ئاستى بېزى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە مەقئەت ئۈچەي تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى قاتارلىق 7 ئىككىنچى كەسىپ بۆلۈم ئىشخانىسى بار، كارىۋات ئورنىدىن 249 ى بار، يىللىق ئېلىپ بارىدىغان ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر ھەر خىل ئوپېراتسىيىسىدىن 6000 دىن ئارتۇقى بار. مەركەز كوللېكتىپىدا ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن 65 ى بار بولۇپ، ٪80 تىن ئارتۇق خادىملار ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. مۇدىر ۋراچ ئۇنۋانىدىن 14 نەپەر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچ ئۇنۋانىدىن 15 نەپەر، پروفېسسور ئۇنۋانىدىن 6 نەپەر، مۇئاۋىن پروفېسسور ئۇنۋانىدىن 12 نەپەر، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسىدىن 4 نەپەر، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسىدىن 15 نەپەر بار.
(15) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا سۆڭەك كېسەللىكلەر مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا سۆڭەك كېسەللىكلەر مەركىزى 2003-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە كەسپىي ئوقۇتقۇچى كۈچى مول، ھەر قايسى ئىككىنچى كەسىپلەرنىڭ بۆلۈم ئايرىمى ئېنىق، تەتقىقات يۆنىلىشى مۇقىم. مەركەز تۆۋەندە 4 كلىنىكىلىق بۆلۈم ئىشخانىسى تەسىسى قىلغان، يەنى: بوغۇم تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، مىكرو تۈزەش تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، جاراھەت سۆڭەك بۆلۈمى ۋە سۆڭەك كېسىلى ھەرىكەت زەخمە بۆلۈمى؛  گىپس ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆيىدىن بىرى بار، 7 ئىككىنىچى كەسىپ يەنى: بوغۇم تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى كەسپى، مىكرو تۈزەش كەسپى، جاراھەت كەسپى، سۆڭەك ئۆسمە كەسپى، ھەرىكەت تېبابىتى كەسپى ۋە بالىلار سۆڭەك كېسەللىكلەر كەسپى. مەركەز يىلدا ھەر تۈرلۈك سۆڭەك كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيىسىدىن 6000 دىن كۆپ ئېلىپ بارىدۇ، 200 دىن ئارتۇق كارۋاتقا ئىگە، داۋالىنىشقا كەلگەن بىمارلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئۆلكە شەھەرلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قوشنا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن. بىر ئاپتونوم دەرىجىلىك سۆڭەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىغا ئىگە، ئۇنىڭ ئاستىدا دۆلەت تەشكىلىي قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزى شىنجاڭ تارماق مەركىزى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئىشخانىسى، سۆڭەك تەشكىلىي قۇرۇلۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، تۈزەش قايتا قۇرۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، ھەرىكەت تېبابىتى تەتقىقات ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان. كوللېكتىپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن جەمئىي 56 سى بار، پروفېسسوردىن 6 نەپەر، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسىدىن 4 نەپەر، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسىدىن 15 نەپەر بار.
(16) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا يۈرەك مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا يۈرەك مەركىزى 2003-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر 6 ئىككىنچى كەسىپ، 9 كلىنىكىلىق كېسەللىك رايونى بار، جەمئىي 396 كارۋات بار. 4 يۈرەك نەيچە ئۆيى ۋە يۈرەك ئىقتىدار بۆلۈمى بار. ئوتتۇرچە يىللىق دىئاگنوز قويۇپ داۋالىغان بىمارلار 80 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، يىللىق ئوتتۇرچە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاش قېتىم سانى 10 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، يۈرۈك تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيىسى 1000 قېتىمغا يەتكەن. ھازىر پروفېسسوردىن 13 نەپەر، مۇئاۋىن پروفېسسوردىن 27 نەپەر، دوكتور يېتەكچىسىدىن 9 نەپەر، ماگىستىر يېتەكچىسىدىن 15 نەپەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولىدىغانلار 7 نەپەر، سەھىيە مىنىستىرلىكى كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئوتتۇرا ياش ياش مۇتەخەسسىستىن 1 نەپەر، يېڭى ئەسىر يۈز مىڭلىغان ئىختىساسلىقلار دۆلەت دەرىجىلىك نامزاتتىن 2 نەپەر، مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مۇكاپاتى ئالغاندىن 1 نەپەر، جۇڭگو ۋراچ مۇكاپاتىدىن 1 نەپەر، مەمەلىكەت سەھىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار شەخستىن 3 نەپەر بار، 1 نەپەر كىشى ئىلگىرى «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
(17) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئاياللار كېسەللىكى·كۆپىيىش ھامىلىدارلىققا ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئاياللار كېسەللىكى·كۆپىيىش ھامىلىدارلىققا ياردەم بېرىش مەركىزى 2012-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ئاياللار كېسەللىكلىرى ۋە كۆپىيىش ھامىلىدارلىققا ياردەم بېرىش مەركىزىنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا قۇرۇلغان. نۆۋەتتە ئاياللار كېسەللىكى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كېسەللىك رايونى ۋە ئاياللار كېسەللىكى·پىلانلىق تۇغۇت ئامبۇلاتورىيىسى ۋە كۆپىيىش ھامىلىدارلىققا ياردەم بېرىش بۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەركەزدە بېكىتىلگەن كارۋاتتىن 158 ى بار، داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش خادىملىرىدىن جەمئىي 98 ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دوكتور يېتەكچىسىدىن 3 نەپەر، ماگىستىر يېتەكچىسىدىن 6 نەپەر بار. مەركەز سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئون يىللىق يۈز كۈچلۈك تۈر بالىياتقۇ پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ۋە بالىياتقۇ راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى شىنجاڭ بازىسى، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاياللار كېسەللىكى ئىچكى ئەينەك ۋراچ داۋالاش تېخنىكا تەربىيىلەش بازىسى، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مەخسۇس بۆلۈم ۋاراچ تەربىيىلەش بازىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق پەن، مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش كوللېكتىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئېسىل دەرسلىك، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاياللار كېسەللىكى 4-دەرىجىلىك ئىچكى ئەينەك ئوپېراتسىيە بازىسى، مەملىكەتلىك ئەلا سۈپەتلىك پەرۋىش قىلىش ئۈلگىلىك كېسەلخانىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم شەرەپلىك ناملارغا ئىگە. مەركەز مۇدىرى دىڭ يەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. 

About People's Daily Online| Contact Us
Copyright by People's Daily Online, All Rights Reserved