كېسەل كۆرسىتش كۆرسەتمىسى
مۇتەخەسىسلەرنى تونۇشتۇرۇش

نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈملەر

قاپلىق قۇرت كېسىلى مەخسۇس بۆلۈمى: يەرلىك كېسەل (قاپلىق قۇرت كېسىلى) دۆلەت كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس پەن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى
قاپلىق قۇرت كېسىلى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۆپ يۈز بېرىدىغان يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلەت زېمىن كۆلىمىنىڭ ٪44 نى ئىگىلەيدۇ، تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامما توپى 66 مىليون، يىللىق زىيان 3 مىلياردقا يېتىدۇ. 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، دوختۇرخانىمىزدا كلىنىكىلىق داۋالانغان قاپلىق قۇرت كېسىلى بىمارلىرى 9000 دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، تەدرىجىي قاپلىق قۇرت كېسىلى كەسىپ بۆلۈمىدىن تۆت ئىككىنچى كەسىپ (جىگەر ئۆت قاپلىق قۇرت تاشقى كېسەللىك بۆلۈمى، جىگەر بوشلۇق ئەينىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، جىگەر كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ۋاسىتە كىرگۈزۈش رېنتگېن بۆلۈمى) ۋە مۇناسىۋەتلىك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى (ئۆپكە، مېڭە، سۆڭەك، سۈيدۈك ئاجرىتىش) قۇرغان بولۇپ، جەمئىي 155 كارۋات بار.    
ناركوز مەخسۇس بۆلۈمى: ناركولوگىيە دۆلەت كلىنىكلىق نۇقتىلىق پەنلەر قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى
   شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ناركولوگىيە پېنى كلىنىكا ئىككىنچى دەرىجىلىك پېنى بولۇپ، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «دۆلەت كلىنىكىلىق نۇقتىلىق پېنى» ۋە «ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق پەن» ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ناركوز كومىتېتى، شىنجاڭ كلىنىكىلىق ناركوز سۈپەت كونترول قىلىش مەركىزى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كلىنىكىلىق ناركوز تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىر ئەزالىق ئورنى. يەنە «دۆلەتلىك دەرىجىلىك يارا قۇتقۇزۇپ داۋالاش تەربىيىلەش بازىسى»، «مەملىكەتلىك ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلار ناركوز بۆلۈمى مۇدىر تەربىيىلەش بازىسى» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق ناركولوگىيە بالنىتسا ۋراچلىرىنى تەربىيىلەش بازىسى» نىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىدۇر.
يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى: يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دۆلەت كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس پەن قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى
 شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى 2011-يىلى سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس پەن قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان، ھازىر كلىنىكىلىق بۆلۈم ئىشخانىدىن 7 سى بار، كارۋاتتىن 304 ى بار، يىللىق داۋالاش مىقدارى 50 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بالنىتسا بىمارلىرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق بار، يىللىق ئوتتۇرىچە ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاش ئوپېراتسىيىسى 10 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، سىرتتىن كۆپەيگەن بىمارلارنىڭ سانى ٪70 كە يەتكەن. باشلامچىلىق بىلەن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، تۇغما يۈرەك كېسىلى ۋە كلاپان كېسىلىنى ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاش ھەم قوزغاتقۇچ كۆچۈرۈش، يۈرەك رېتىمى نورمالسىزلىشىش رادىئو چاستوتىسى ئېرىپ تۈگەش قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى قان بېسىم مەخسۇس بۆلۈم كېسەلخانىسى ئېچىپ، يۇقىرى قان بېسىم دىئاگنوز قويۇش ۋە پەرقلەندۈرۈپ دىئاگنوز قويۇپ داۋالاشنىڭ قېلىپلاشقان تەرتىپىنى ئىگىلىگەن ھەم شىنجاڭ رايونىدا باشلامچىلىق بىلەن غول ھۈجەيرىسىنى كۆچۈرۈپ تىقىلما يۈرەك ئۆيى قايتا ئاپپاراتى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىك يېڭى تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
مەخسۇس بۆلۈم بويىچە پەرۋىش قىلىش: پەرۋىش قىلىش مەخسۇس بۆلۈمى دۆلەت كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس پەن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇشى
  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ پەرۋىش قىلىش پېنى 2011-يىلنىڭ بېشىدا سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ «دۆلەت كلىنىكىلىق پەرۋىش قىلىش نۇقتىلىق مەخسۇس پەن قۇرۇلۇش تۈرى» گە ئېرىشكەن. سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ «ئەندىزىنى ئۆزگەرتىپ، كوننوتاتسىيىنى كۈچەيتىش، كلىنىكىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مېخانىزمنى قۇرۇش» روھىنى يەنە بىر قەدەمدە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، پەرۋىش پېنى كلىنىكىلىق پەرۋىش قىلىش نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇشنى ئاچقۇچ قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتى ۋە نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پەرۋىش قىلىش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە پەرۋىش قىلىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، پەرۋىش قىلىش مەخسۇس بۆلۈمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان، پىلانلىق، قەدەم باسقۇچلۇق، مەقسەتلىك ھالدا ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان.
ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى: ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دۆلەت كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس پەن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق پەن دوكتور ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش ئورنى ھەم ئالىي دوكتور ئاقما پونكىتى، 2010-يىلدىن بۇيان ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەرنى ئاساس قىلغان دوختۇرخانىمىز پەن-تېخنىكىسى دۆلەت دەرىجىلىك ئېسىل دەرسلىكلەرگە ئېرىشكەن ھەم 2012-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم نامىغا ئېرىشكەن؛ كلىنىكىلىق بازا بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى تەربىيىلەش بازىسى، دۆلەتلىك ئومۇمىي پەنلەر ۋراچلىرى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋراچ تەربىيىلەش بازىلىرىنى يۆلىگەن؛ 2002-يىلى جىگەر بۆرەك كۆچۈرۈشنى ئاساسلىق كلىنىكىلىق تېخنىكا ۋە تەتقىقات قىلغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەزا كۆچۈرۈش تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەزا كۆچۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كلىنىكىلىق بازىسىغا ئايلانغان.
ئېغىر كېسەللىكلەر تېبابەت بۆلۈمى: ئېغىر كېسەللىكلەر تېبابەت بۆلۈمى دۆلەت كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس پەن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر تېبابەت بۆلۈمىدە، نۆۋەتت كارۋاتتىن 51 ى بار، ئومۇمىي يەر كۆلىمى m22715.66، ھازىر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇنىۋېرسال كۈچى ئەڭ كۈچلۈك، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ICU غا ئايلانغان، مۇشۇ ئاساستا ئۈزلۈكسىز ئېغىر كېسەللىكلەر ئىككىنچى كەسىپ قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن، ھازىر ۋراچتىن 24 ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇدىر ۋراچ، پروفېسسوردىن 2 نەپەر، مۇئاۋىن ۋراچتىن 4 نەپەر، مەسئۇل ۋراچتىن 5 نەپەر، بالنىتسا ۋراچتىن 9 نەپەر، نەپەس كېسەللىكلىكرى داۋالاش دوختۇرىدىن 2 نەپەر، كلىنىكىلىق دورىگەردىن 2 نەپەر، كلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق ئۇستازىدىن 1 نەپەر، قوشۇمچە ئىنژېنېردىن 1 نەپەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە دوكتور يېتەكچىسىدىن 1 نەپەر، ماگىستىىر يېتەكچىسىدىن 2 نەپەر، دوكتور ئىلمىي ئۇنۋانىدىن 2 نەپەر، ئوقۇۋاتقان دوكتوردىن 2 نەپەر، ماگىستىر ئىلمىي ئۇنۋانىدىن 20 نەپەر بار. سېسترادىن جەمئىي 130 نەپەر، سېسترالار باشلىقىدىن 4 نەپەر بار، بارلىق بۆلۈملەر ۋراچلىرى بىردەك ئېغىر كېسەللىكلەر تېبابەت مەخسۇس پەن قابىلىيەت تەربىيىلەش (Chinese Critical Care Certiried Course) گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن.
نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى: نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دۆلەت كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس پەن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى
 شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى 1956-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ۋاڭ ۋۇجى پروفېسسور دوختۇرخانىمىز نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ قۇرغۇچىسى، 50 يىللىق قۇرۇلۇش، تەرەققىيات ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە تېبابەت، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال بۆلۈم ئىشخانىسىغا ئايلانغان. نۆۋەتتە دوختۇرخانىمىزنىڭ نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى (1) دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس پەن قۇرۇلۇش تۈرىنى قوللىغۇچى ئورۇن؛ (2) سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋراچ كەسپى بويىچە تەربىيىلەش بازىسى؛ (3) سەھىيە مىنىستىرلىكى مېڭىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش بازىسى؛ (4) سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مېڭىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىپ داۋالاشقا ۋاسىتە كىرگۈزۈپ داۋالاش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەش بازىسى؛ (5) سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مېڭە داۋالاش سۈپەت كونترول قىلىش مەركىزى؛ (6) ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى بالنىتسا ۋراچلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش بازىسى؛ (7) ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى نۇقتىلىق مەركىزى. 

About People's Daily Online| Contact Us
Copyright by People's Daily Online, All Rights Reserved